يېڭى زېلاندىيەدە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كانتېربېرى رايونىدا شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ، يۈزلەرچە كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

1648801
يېڭى زېلاندىيەدە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيەنىڭ كانتېربېرى (Canterbury) رايونىدا شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ، يۈزلەرچە كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

بەزى رايونلاردا 40 سانتىمېتىرغا يەتكەن سۇ سەۋىيەسى سەۋەبىدىن دۆلەتتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

يېڭى زېلاندىيە ئارمىيەسى قاتناشقان تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىدە 50 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھەربىي تىك ئۇچارلار بىلەن قۇتقۇزۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رايوندا سەلدە ئېقىپ يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەسئۇل كىشىلەر، يارىلانغان ۋە يوقاپ كەتكەن كىشىلەر سانىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات بەرمىدى.

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىندا ئاردېرن (Jacinda Ardern) كرىستچېرچ (Christchurch) شەھىرىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر