ناسا ئىستانبۇلنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان فوتو - سۈرىتىنى ئورتاقلاشتى

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى — ناسا ئىنستاگرامدىكى ئادرېسىدا ئىستانبۇلنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان بىر پارچە فوتو – سۈرىتىنى ئورتاقلاشتى.

1646423
ناسا ئىستانبۇلنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان فوتو - سۈرىتىنى ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى — ناسا ئىنستاگرامدىكى ئادرېسىدا ئىستانبۇلنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان بىر پارچە فوتو – سۈرىتىنى «ئەي ئىستانبۇل، پارقىراۋاتىسەن» دېگەن ئىبارە بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلاشتى.

ناسانىڭ «ئىستانبۇل بوغۇزى بىلەن قولتۇق ئىككىگە ئايرىپ تۇرغان شەھەرنىڭ كېچە چىراغلىرىغا قاراڭلار» دېيىلگەن ئىنستاگرام ئۇچۇرىدا، سۈرەتنىڭ 2021 – يىلى 10 – ماي خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىسى تەرىپىدىن قارا دېڭىزنىڭ 262 مىل يۈكسەكلىكىدىن تارتىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر