غەززەدە شېھىت بولغانلار سانى 253 كە يەتتى

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يارىلانغان ئىككى پەلەستىنلىك داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

1645232
غەززەدە شېھىت بولغانلار سانى 253 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىملىرىمۇ خان يۇنۇسنىڭ شەرقىدىكى خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدىن ھۇجۇملار ئەسناسىدا شېھتى بولغان تۆت كىشىنىڭ جەسىتىنى چىقاردى.

غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قوشقاندا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغانلار سانىنىڭ 253 كە يەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 66 نەپىرىنىڭ بالىلار، 39 ىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى غەززەگە 10 – مايدا باشلىغان ھۇجۇملىرى، پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن 21 – ماي شۇ جاي ۋاقتى سائەت 02:00 دە ئاخىرلاشقانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ راماللاھ شەھىرىدە «مۇستارىبىن» دەپ ئاتىلىدىغان ئىسرائىلىيە پۇقراۋى ساقچىلىرىنىڭ ئوقىدا يارىلانغان بىر پەلەستىنلىك ياش ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئەلئەمارى مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرىدىغان بىر پەلەستىن پۇقراسىغا ئوق چىقىرىلغانلىقى ۋە ئۇ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتىكى تالمون يەھۇدىي ئولتۇراق رايونىغا يېقىن جايدا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان 16 ياشلىق بىر بالىنىڭ ئىسرائىلىيە ئاپتوموبىللىرىغا تاش ئاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئوققا تۇتۇلغانلىقى، مۈرىسىدىن يارىلانغان ياشنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئىشغال ئاستىدىكى قۇددۇسنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بەيت ھانىن بازىرىدىمۇ 10 ياشلىق بىر پەلەستىنلىك بالىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى؛ نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر بالا خېلى ئۇزۇنغىچە ساقچى ئاپتوموبىلىغا سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

پەلەستىن بالىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش سەۋەبى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر