بىرما ھەربىي ھاكىمىيىتى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشى توغرىسىدا ئېنىق جاۋاب بەرمىدى

بىرما ھەربىي ھاكىمىيىىتىنىڭ باشلىقى مىن ئاڭ خلايڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتالايدىغان ياكى قايتالمايدىغانلىقىغا، بىرما قانۇنلىرى رامكىسىدا قارار بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1645144
بىرما ھەربىي ھاكىمىيىتى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشى توغرىسىدا ئېنىق جاۋاب بەرمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادا 2021-يىلى 1-فېۋرال ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى مىن ئاڭ خلايىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىق نەتىجىسىدە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتالايدىغان ياكى قايتالمايدىغانلىقىغا، بىرما قانۇنلىرى رامكىسىدا قارار بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خوڭكوڭ سۇمرۇغ (Phoenix) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 2017-يىلى بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىقى نەتىجىسىدە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ۋە كۆپىنچىسى باڭلادېشتا پاناھلانغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرماغا قايتىپ-قايتالمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «بىرمانىڭ قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن بولمىسا نېمە قىلالايمىز؟ دۇنيادا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇساپىرلار قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ يەنە، «خەلقئارانىڭ ئاراكانلىقلارنىڭ قايتىشى ئۈچۈن قىلغان چاقىرىقى نەتىجىسىز قالدىمۇ؟» دېگەن سوئالغا، بېشىنى لىڭىشتىپ: «ھەئە» دەپ جاۋاب بەردى.

ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلارنى بىرما خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 824 كە چىقتى. 4 مىڭ 301 كىشى تۇتقۇن قىلىندى، 1841 كىشى ئۈستىدە تۇتۇش قارارى چىقىرىلدى.

ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى كرىستىن شىرىينېر بۇرگېنېر (Christine Schraner Burgener) بىرما خەلقىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغان ئارمىيەگە قارشى قوراللانغانلىقىنى ۋە ئىچكى ئۇرۇش پارتلاش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

بۇرگېنېر بىرمادا يېمەك-ئىچمەك خەتىرىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كېلەركى ئۈچ ياكى ئالتە ئاي ئىچىدە 3.4 مىليون كىشى سىياسىي كىرىزىس سەۋەب بولغان ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق سەۋەبىدىن يېمەك-ئىچمەك خەتىرىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ ھەربىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان 61 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 12 مىڭ كىشىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە قاچقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر