بلىنكېن بېلارۇسىيەنى ئەيىبلىدى

بلىنكېن بېلارۇسىيەنىڭ، ريانايىر (Ryanair ) غا ئائىت يولۇچىلار ئايروپىلانىدا بومبا بارلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، پايتەخت مىنسكقا مەجبۇرىي قوندۇرغانلىقىغا ۋە ئايروپىلاندىكى بېلارۇسىيەلىك ئۆكتىچى ژۇرنالىستنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1644428
بلىنكېن بېلارۇسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بېلارۇسىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سەپەر قىلغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ مىنسكقا مەجبۇرىي قوندۇرۇلۇشى ۋە ئايروپىلاندىكى ژۇرنالىست رامان پراتاسېۋىچ (Raman Pratasevich) نىڭ قولغا ئېلىنىشى سەۋەبىدىن، بېلارۇسىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىلەيدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ژۇرنالسىتنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ بېلارۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئايروپىلاننى مەجبۇرىي قوندۇرۇشىنى كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە تېز سۈرئەتتە توپلانغانلىقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو بېلارۇسىيەنىڭ ريانايىرغا ئائىت يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ بومبا بارلىقى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋېلىنغانلىقى سەۋەب كۆرسىتىلىپ، پايتەخت مىنسكقا قوندۇرۇلغانلىقىغا ۋە ئايروپىلاندىكى ئۆكتىچى ژۇرنالىستنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق كۆرسەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر