ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىريۇسسېلدا ئۇچرىشىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى رەھبەرلىرى 24 – 25 – ماي كۈنلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا يۈزتۇرانە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

1643780
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىريۇسسېلدا ئۇچرىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارىدىن ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇچرىشىشنىڭ ئورنىغا تۇنجى قېتىم بىريۇسسېلدا يۈزتۇرانە بىر يەرگە جەم بولىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى – ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدىن كېيىنكى سۈركىلىش ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئىلاۋە قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە يەنە، ئىتالىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كۆچمەنلىك مەسىلىسىمۇ ئىلاۋە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر