فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە لايىھە سۇنىدۇ

فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان لايىھە سۇنىدۇ.

1641885
فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە لايىھە سۇنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشنى ۋە غەززەگە قىلىنىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن 4-قېتىم يېپىق شەكىلدە توپلاندى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تۇنىس بىلەن بىرلىكتە «ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش» نى تەلەپ قىلغان لايىھە سۇنىدىكەن.

كېڭەشنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى خىتاينىڭ دائىمىي ۋەكىلى جاڭجۈن يىغىندىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «توقۇنۇشلار، زوراۋانلىقلار ئاخىرلىشىشى، پۇقرالار قوغدىلىشى كېرەك» دېدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۈچ قېتىم توپلاندى، بىراق ئامېرىكانىڭ رەت قىلىشى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە كونكرېت قەدەم بېسىلمىدى.

ب د ت نىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 58 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان.

ئىسىرائىلىيەنىڭ 10-ماي (2021) دىن تارتىپ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا، 63 كىچىك بالا ۋە 36 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 220 پەلەستىنلىك شېھىت بولغان، 1500 كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر