ئىسرائىلىيە ھاماسنىڭ كۈتۈلمىگەن يەردىن قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار قامال قىلىنغان غەززە رايونىغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشنى ۋە ئۇرۇش تۇختىتىش ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

1640106
ئىسرائىلىيە ھاماسنىڭ كۈتۈلمىگەن يەردىن قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ «Walla News » گېزىتىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىز غەززەگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئوخشاش پىكىرگە ئىگىدەك كۆرۈنسىمۇ، دۆلەت مۇداپىئە ئورگىنى ۋە ئارمىيەدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يېپىق ھالەتتە «ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك توغرا ئىش، ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىش ۋە ئۇرۇش تۇختىتىش ئېلان قىلىش خزمەتلىرىدۇر» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەزكۈر ھەربىي ئەمەلدارلار، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بەدىلىنى ئۆتىگەنلىكىنى ۋە ھېچكىشىنىڭ قۇرۇغلۇق ھەرىكىتى خەۋىپىگە كىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئىسرائىلىيەدىكى بىر قىسىم مۇداپىئە قىسىملىرى قۇرۇغلۇق ھەرىكىتىگە قارىتا ھاماسنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.

يەنە بەزى ھەربىي ئەمەلدارلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىسرائىلىيەنىڭ «Walla News » گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرىدە يەنە، ھاماسنىڭ توقۇنۇشقا تەخمىنەن 14 مىڭ راكېتا بىلەن كىرگەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئۇلارغا 60 كۈنگىچە راكېتا قويۇپ بېرىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خەۋەردە ئىسرائىلىيەنىڭ كەلگۈسىدە غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلىشتىكى قانۇنلۇقلىقىنى يوقىتىپ قويۇشىدىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، «ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتىنىڭ قوماندانى مۇھەممەد ئەد دايف ئىسرائىلىيەنىڭ يېتىپ بارالايدىغان بارلىق رايونلىرىغا راكېتامىيوت قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەگە قارشى يېڭى بىر تەڭلىمە ئوتتۇرىغا چىقتى» دېگەن سۆزلەرگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر