پەلەستىندىكى ۋەقەلەردە شېھىت بولغانلار سانى 83 كە يەتتى

ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە ئىككى پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلىشى بىلەن جەمئىي شېھىت بولغانلار سانى 83 كە يەتتى.

1638844
پەلەستىندىكى ۋەقەلەردە شېھىت بولغانلار سانى 83 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى شەيخ زەيىد رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ۋەيران بولغان بىر ئۆينىڭ قالدۇقلىرى ئاستىدىن ئەر – ئايال ئىككى پەلەستىنلىكنىڭ جانسىز جەسىتى تېپىلغان. پۇقرالار قوغدىنىش ئەترىتى قالدۇق ئاستىدىن نۇرغۇن كىشىنى يارىدار ھالەتتە چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ 10- مايدىن بۇيان غەززەنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 17 بالا ۋە 6 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 83 ئادەم شېھىت بولدى، يارىلانغانلار سانى 388 گە يەتتى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونى شام دەرۋازىسى بىلەن شەيخ جەرراھ رايونىدا پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى.

شەرقىي قۇددۇسنىڭ كونا شەھىرىگە جايلاشقان مەسچىت ئەسسادا كەچلىك دۇئادىن كېيىن شام دەرۋازىسىغا يىغىلغان پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىشىغا ئۇچرىدى.

شەيخ جەرراھ رايونىدىمۇ ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش تەھدىتىگە ئۇچرىغان پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى.

پەلەستىن قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ شام دەرۋازىسى ۋە شەيخ جەرراھ رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ئاۋاز  بومبىسى، پىلاستىك ئوق، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنى باستۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەقىقىي ۋە پىلاستىك ئوقلار بىلەن بىرلىكتە ياش ئاققۇزۇش گازى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ قىلغان مۇداخىلىلىرىدە شېھىت بولغانلار سانىنىڭ ئۈچكە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 51 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر