ئىسرائىلىيە كۈچلىرى 13 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا 13 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى.

1636501
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى 13 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (WAFA) نىڭ شاھىتلارنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، مەسجىدى ئەقسا جايلاشقان كونا شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي قۇددۇسنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا، كۆپ ساندا ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، 13 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغان.

ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپ، قولغا ئېلىنغان پەلەستىنلىكلەر ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر