بىرمادا مۇسۇلمان ژۇرنالىست ئايرىم كامېرغا سولاندى

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار توغرىسىدا خەۋەر ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن فېۋرال ئېيى (2021) دا قولغا ئېلىنغان مۇسۇلمان ژۇرنالىست كاي زون نۋاي، رامىزاندا روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن ئايرىم كامېرغا سولاندى.

1635856
بىرمادا مۇسۇلمان ژۇرنالىست ئايرىم كامېرغا سولاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما «Now» خەۋەرلەر تورىنىڭ خادىمى بولغان ژۇرنالىست كاي زون نۋاينىڭ ئادۋوكاتى نىلار خىنە، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 6-ماي) كى سوتتا، ئۇنىڭ 28-ئاپرېلدىن باشلاپ ئايرىم كامېرغا سولانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادۋوكات نىلار خىنە نۋاينىڭ رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن روزا تۇتقانلىقى «ئاچلىق ئېلان قىلىش» دەپ قارىلىپ، ئايرىم كامېرغا سولانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «نۋاي تۈرمىدە ھېچقانداق نامايىشقا ئارىلاشمىدى. پەقەت رامىزان ئېيى بولغانلىقى ئۈچۈن روزا تۇتتى ۋە سەۋەبسىز ئايرىم كامېرغا سولاندى» دېدى.

ئۇ نۋاينىڭ كامېردىن چىقىرىلىشى ئۈچۈن ھەربىي سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىرما سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم جەمئىيىتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 1-فېۋرال (2021) دىن ھازىرغىچە بىرمادا 48 ژۇرنالىست تۇتقۇن قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر