ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇكرائىنادا

ۋاشىنگتون – موسكۋا ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئۇكرائىنادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

1635198
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇكرائىنادا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت كىيېۋدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بىلەن كۆرۈشۈش بىلەن باشلىغان بلىنكېن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، زىيارەت دائىرىسىدە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى، دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى مەسىلىسىدە ۋاشىنگتوندىن قوللاشقا ئېرىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.

بۆگۈنچىلەر بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش سەۋەبىدىن، پىرېزىدېنت ۋلادىمىر زېلېنىسكىنىڭ ۋاشىنگتوندىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر