كولومبىيەدىكى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

كولۇمبىيەدىكى يەتتە كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان باج ئىسلاھاتىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە...

1635013
كولومبىيەدىكى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولۇمبىيەدىكى يەتتە كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان باج ئىسلاھاتىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى يېڭىدىن قازا قىلغان بەش كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 24 كە يەتتى، يارىلانغانلار سانى 900 دىن ئېشىپ كەتتى.

نامايىشلارنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىۋاتقان پايتەخت بوگوتانىڭ تارىخى بولىۋار مەيدانىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان  نامايىشچىلار، لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا ناخشا ئېيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىساد سىياسىتىگە يەنە بىر قېتىم نارازىلىق بىلدۈردى.

ساقچىلار، دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلغان بىر قىسىم نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى.

دۆلەتنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ نامايىشلارنىڭ باشلىنىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋەقە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى.

كولومبىيە ئومبۇدسمان ئىشخانىسى بولسا، نامايىشلار باشلانغاندىن بۇيان كولومبىيە مىقيساىدا 89 كىشىنىڭ غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پىرېزىدېنت ئىۋان دۇك بايانات ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

كولومبىيەدىكى ھەر قايسى ئۇيۇشمىلار، 28 – ئاپرېل يەرلىك تەشكىلاتلار، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ھەر خىل ئۆكتىچى قاتلاملارنىڭ «كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش» چاقىرىقىغا ئاساسەن، باج ئىسلاھاتىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر