بىرمادا ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار چاقىرىق ئېلان قىلدى

بىرمادىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلاردا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇشى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 765 كە يەتتى.

1632763
بىرمادا ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادا  يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە، ھىپاكانت، ۋېتلېت، ماندالاي ۋە خسىپاۋ شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلاردا يەنە 6 كىشى قازا قىلدى.

ئومۇمىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 765 كە ئۆرلىدى. 3 مىڭ 555 كىشى تۇتقۇن قىلىندى. 1369 كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سىياسىي ئۆزگىرىشكە قوراللىق قارشى تۇرغۇچى ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن بىرسى بولغان كارەن مىللىي بىرلەشمىسى (KNU) نىڭ رەھبىرى باۋ كياۋ خېخ 1-فېۋرال سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن باشلانغان قوراللىق قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: « بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىي دىكتاتۇرلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

كارەن مىللىي بىرلەشمىسى (KNU) نىڭ رەھبىرى باۋ كياۋ خېخ ھەربىي ھاكىمىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن باشقا قوراللىق ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىمۇ بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر