ئەلىيېۋ بلىنكېنغا ئەزەربەيجاننىڭ بايدىننىڭ باياناتىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئېيتقان

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، قاراباغ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1630696
ئەلىيېۋ بلىنكېنغا ئەزەربەيجاننىڭ بايدىننىڭ باياناتىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئېيتقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس (Ned Price)، تاشقى ئىشلار مىنستىرى بلىنكېن بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «مىنىستىر بلىنكېن بىلەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ئامېرىكا بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى ۋە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. مىنىستىر بلىنكېن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ھەق-ھوقۇق ئەركىنلىكلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكرارلىدى. ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە، مىنسك گۇرۇپپىسىنىڭ رايوندىكى بارلىق خەلقلەرگە پايدىلىق بولغان تاغلىق قاراباغ  توقۇنۇشلىرىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى» دېدى.

ئۇ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 1915-يىل ۋەقەلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ يېقىن دوستى ۋە ئىتتىپاقدىشىدۇر. ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەزگىلدە رايونىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئىجابىي روللارنى ئوينىماقتا. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ مەزكۇر باياناتى، ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى بىئارام قىلدى» دېگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر