گۇتېررېس جەنۋەدە چاقىرىلغان قىبرىس يىغىنى توغرىسىدا بايانات بەردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، قىبرىس مەسىلىسىگە چارە تېپىش رەسمىي سۆھبەتلىرىنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن ئورتاق قاراشقا كېلەلمىگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1630818
گۇتېررېس جەنۋەدە چاقىرىلغان قىبرىس يىغىنى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت رەھبەرلىكىدە شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە قىبرىسلىق تەرەپلەر بىلەن كاپالەتچى دۆلەتلەر تۈركىيە – گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن باشلانغان 5+1 غەيرىي رەسمىي قىبرىس يىغىنى ئاخىرلاشتى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس يىغىندىن كېيىن بايانات بېرىپ: «قىبرىس مەسىلىسىگە چارە تېپىش رەسمىي سۆھبەتلىرىنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە ئورتاق قاراش ھاسىل قىلالمىدۇق» دېدى.

ئۇ، قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جەنۋەدە چاقىرىلغان 5+1 غەيرىي رەسمىي قىبرىس يىغىنى 27 – ئاپرېلدا باشلىغانىدى.


خەتكۈچ: #قىبرىس , #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر