رۇسىيە: بالتىق دۆلەتلىرى بىلەن سىلوۋاكىيەنىڭ يەتتە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىمىز

رۇسىيە ئىككىسى لىتۋالىق، بىرى لاتۋىيەلىك، بىرى ئېستونىيەلىك ۋە ئۈچ نەپىرى سلوۋاكىيەلىك بولۇپپ جەمئىي يەتتە دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلدى.

1630086
رۇسىيە: بالتىق دۆلەتلىرى بىلەن سىلوۋاكىيەنىڭ يەتتە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، لىتۋانىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېتۋىداس بايارۇناس، لاتۋىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارس رىيېكستىنش ۋە ئېستونىيەنىڭ موسكۋا باش ئەلچىخانىسى مەسلىھەتچىسى پىرېت رېينتام بېننونىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلىپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى ئاساسسىز ۋە ئىغۋاگەر ئۇسۇللار بىلەن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ۋىلنيۇس، رىگا ۋە تاللىننىڭ رۇسىيەگە قارىتا ئوچۇق- ئاشكارا دۈشمەنلىك قىلىش يولىدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ چېخىيە بىلەن رۇسىيەگە قارشى ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا: «ئۆزئارا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، لىتۋا ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيە ئەلچىخانىلىرىدىن بىردىن خىزمەتچىنىڭ يەتتە كۈن ئىچىدە رۇسىيەدىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئېستونىيە باش ئەلچىسى لۇبومىر رېھاكنىڭمۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىپ، ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، سلوۋاكىيەدىكى ئۈچ رۇسىيە دىپلوماتىنىڭ بىمەنە ۋە توقۇلما ئەيىبلەشلەر بىلەن «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى، سىلوۋاكىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى پائالىيەتلەردە چېخىيە بىلەن ساختا ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئېستونىيەلىك ئۈچ دىپلوماتنىڭ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، دىپلوماتلارنىڭ 5- مايغىچە رۇسىيەدىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر