بىرمادا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 10 ئادەم ئۆلدى

بېرمانىڭ باڭلادېش چېگراسىغا جايلاشقان چىن ئۆلكىسىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى مىللىي قوراللىق تەشكىلات بىلەن بېرما ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1629666
بىرمادا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 10 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرمانىڭ باڭلادېش چېگراسىغا جايلاشقان چىن ئۆلكىسىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى مىللىي قوراللىق تەشكىلات بىلەن بېرما ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، بېرما ئارمىيەسىدىن كەم دېگەندە 10 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1 – فېۋرال ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن نامايىشچىلارنى بىرما ئارمىيەسىنىڭ زىيانكەشنلىكىدىن قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان چىنلاند مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئەمەلدارى، ئۆلكىنىڭ مىندات شەھىرىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ھەققىدە «ئىرراۋادي» گېزىتىگە بايانات بەردى.

چىنلاند مۇداپىئە قىسىملىرى رەھبىرى، تۈنۈگۈن كەچتە شەھەرنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئارمىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، كەم دېگەندە 10 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى ۋە توقۇنۇشنىڭ پۈتۈن كۈن داۋاملاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئارمىيەنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر ئەمەلدار: «ئۇلار مىناميوت زەمبىرىكى ۋە پىلىمۇتلارنى ئىشلىتىپ جاۋاب قايتۇردى. بىز قاتتىق بومبا ئاستىدا قالدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر