زېلېنىسكى پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىنىڭ بېكىتىلىشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئاندرى يېرماكقا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىنى بېكىتىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى.

1628664
زېلېنىسكى پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىنىڭ بېكىتىلىشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا خەۋەر ئاگېنتلىقى (Ukrinform) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زېلېنىسكى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ پۇتىنغا دونباستا كۆرۈشۈش تەكلىپىگە جاۋابەن، پۇتىننىڭ ئۆزىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

كۆرۈشۈشنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنى قاتارلىق  تەپسىلاتلار مەسىلىسىدە، پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئاندرى يېرماكقا،  كىرېمىل سارىيى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى قەيت قىلغان زېلېنىسكى، مۇھىم بولغىنىنىڭ كۆرۈشۈش ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئىكەنلىكىنى، كۆرۈشۈشنىڭ قەيەردە ئىشقا ئاشۇرۇلۇش مەسىلىسىنىڭ بولسا  تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، 20 – ئاپرېل كۈنى پۇتىنغا دونباستا كۆرۈشۈش تەكلىپىنى سۇنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر