جەۋاد زارىف ئامېرىكانى «ئېھتىياجىدىن ئارتۇق  ۋاكسىنا ئامبارلاشتۇرۇش» بىلەن ئەيىبلىدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف كوۋىد-19 ۋاكسىنىلىرىنىڭ تارقىتىلىشى ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانى «ئېھتىياجىدىن ئارتۇق  ۋاكسىنا ئامبارلاشتۇرۇش» بىلەن ئەيىبلىدى.

1627857
جەۋاد زارىف ئامېرىكانى «ئېھتىياجىدىن ئارتۇق  ۋاكسىنا ئامبارلاشتۇرۇش» بىلەن ئەيىبلىدى

جەۋاد زارىف تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «يەرشارى خاراكتېرلىك  كوۋىد -19 يۇقۇمىغا يەرشارى خاراكتېرلىك ۋاكسىنا ئەملەش پروگراممىسى بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى» دېدى.

جەۋاد زارىف ئېمبارگو سەۋەبىدىن ئىران شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ يامان نىيىتى سەۋەبىدىن پەلەستىن قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ دەردىگە ئۆزى چارە ئىزدەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكىدا ۋاكسىنا ئېشىنچىسى بار، ۋاكسىنانى ئامبارلاشتۇرىۋىلىش كەڭ كۆلەملىك قەتلىئامدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر