شاڭخەيدە بىر زاۋۇتقا ئوت كېتىپ 8 خىتاي ئۆلدى
خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 8 كىشى قازا قىلدى.
1627139
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھەرلىك ھۆكۈمەت جىنشەن رايونىدىكى شېڭرۇي ئېلېكترونلۇق تېخنىكا شىركىتىگە تەۋە زاۋۇتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 6 خىزمەتچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئوتنى ئۆچۈرمەكچى بولغان ئىككى نەپەر ئوت نەپەر ئۆچۈرۈش خادىمىمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 8 گە يەتتى.
ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.