تېسلا ئاپتوموبىلى بىر دەرەخكە سوقۇلۇپ كەتتى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىدا ئاپتوماتىك ھالدا مېڭىۋاتقان تېسلا ئاپتوموبىلىنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1623974
تېسلا ئاپتوموبىلى بىر دەرەخكە سوقۇلۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىدا ئاپتوماتىك ھالدا مېڭىۋاتقان تېسلا ئاپتوموبىلىنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، شوپۇر بولمىغان ۋە ئالدىدىكى ئورۇن بىلەن كەينىدىكى ئورۇندا بىردىن ئىككى كىشى ئولتۇرغان تېسلا ئاپتوموبىلى، بىر دەرەخكە سوقۇلغان ۋە ئارقىدىن ئوت كەتكەن. ۋەقەدە ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. ئاپتوموبىلنىڭ باتارىيەلىرى داۋاملىق كۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئوتنى ئۆچۈرۈشكە تۆت سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن.

مەزكۇر ۋەقە، تېسلا ئاپتوموبىللىرى ئۈچۈن بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى پەيدا قىلدى.

ئامېرىكا ئاپتوموبىل بىخەتەرلىكى ئاگېنتلىقى يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگە ئۈچ قاتناش ۋەقەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېسلا ئاپتوموبىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي 27 قاتناش ۋەقەسى ئۈستىدە تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

تېسلانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ئېلون ماسك (Elon Musk) 2021-يىلى يانۋاردا ئېلان قىلغان باياناتتا، يېڭى ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل يۇمتاللىرىدىن زور پايدىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىدى.

ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ھەيدەش(self-driving) تېخنىكىسىنىڭ سودىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر