سابىق پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارىنى ماختىدى

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈش قارارىغا «قالتىس ۋە ئىجابىي» دەپ باھا بەردى.

1623934
سابىق پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارىنى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش مۇساپىسى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا: «ئافغانىستاندىن چىقىش قالتىس ۋە ئىجابىي ئىش. مەن 1-مايدا چېكىنىشنى پىلان قىلغان ئىدىم. ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە، مەزكۇر مۇساپىنى بۇ ۋاقىتقا يېقىن ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ترامپ چېكىنىش مۇساپىسى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن 11-سېنتەبىر كۈنىنىڭ ئامېرىكا تارىخى ئۈچۈن ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ شەكىلدە داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ 2020-يىلى فېۋرالدا تالىبان بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمدە بەلگىلىك شارائىتلار ئاستىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن 2021-يىلى 1-مايغىچە چېكىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. 2021-يىلى پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان جو بايدىن سانى 2 مىڭ 500 ئەتراپىدا بولغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىش ۋاقتىنى 2021-يىلى 1-مايدا باشلاپ 11-سېنتەبىرگىچە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا كونگرەسىدە دېموكراتلار پىرېزىدېنت بايدىننىڭ چېكىنىش پىلانىنى قوللىسا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى «ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاننى مۇئەللەقتە تاشلاپ قويغانلىقىنى» ۋە «ئۇ يەردە تېررورلۇقنىڭ قايتىدىن كۆپىيىدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر