ئىسرائىلىيە تەتقىقات مەركىزى: تۈركىيە شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسىگە ئىگە

ئىسرائىلىيە ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى، «تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1622965
ئىسرائىلىيە تەتقىقات مەركىزى: تۈركىيە شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسىگە ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇشۇ يىل (2021)نىڭ يانۋار ئېيىدا ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيە» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 20 يىلدا قىياپىتى ۋە كۈچىنى ئۆزگەرتكەنلىكى، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئىجرا قىلىنغان دېڭىز ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر نۇقتىسى، تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان دېڭىز كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەنقەرە فىلوسىنىڭ بىر قانچە يىل ئىچىدە ئالتە ئىلغار سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەنلىكى، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇنىڭ بىلەن 12 بىلەن 14 ئارىسىدا ئىلغار سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئىگە بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنىڭ تۈركىيەنى زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قارا دېڭىز ۋە شەرقىي ئاق دېڭىزدا تۈركىيەنى ئۆزگىچە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدىغانلىقىمۇ تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر