رۇسىيە ب د ت ئېكرانىدا كوسوۋا بايرىقىنىڭ كۆرىنىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كوسوۋا يىغىنى رۇسىيەنىڭ ئېكراندا كوسوۋا بايرىقىنىڭ كۆرىنىشىگە قارشى چىقىشى تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق توختىتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ توردا چاقىرىلغان كوسوۋا يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى دىمىترىي پوليانسكىي كوسوۋانى دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كوسوۋا بايرىقىنىڭ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دونىكا گېرۋاللانىڭ ئېكرانىدا كۆرۈنىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
پولىيانسكىي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 8 ئەزاسىنىڭ كوسوۋانى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كوسوۋا دۆلەت بايرىقىنى ئېكراندا كۆرسەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.
رۇسىيەنىڭ بايراققا بىلدۈرگەن نارازىلىقى يىغىننىڭ بىر مەزگىل توختىتىلىشىغا سەۋەب بولدى.
ئاپرېلدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولغان ۋېيېتنام باش ئەلچىسى داڭ دىن كۇي بولسا، تور يىغىنىدا كوسوۋا بايرىقى كۆرۈنسە بولىۋىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا يىغىننى قايتا باشلاتتى.
2008-يىلى 17-فېۋرالدا سېربىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان كوسوۋانى دۇنيادا جەمئىي 117 دۆلەت ئېتىراپ قىلىدۇ.