لىۋىيە ئارمىيەسى مىسىرنىڭ ھافتەرگە يوللىغان ئىككى ئايروپىلانىدا قورال بارلىقىنى ئېلان قىلدى

لىۋىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق سىرتە ۋە جۇفرا ھەرىكەت دائىرىسى باياناتچىسى گېنېرال ئابدۇلھادى دىراھ ئېلان قىلغان باياناتىدا، لىۋىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خەلقئارا سەبھا ئايرودورۇمىغا قونغان ئىككى مىسىر ئايروپىلانىدا  قورال بارلىقىنى ئېيتتى.

1620980
لىۋىيە ئارمىيەسى مىسىرنىڭ ھافتەرگە يوللىغان ئىككى ئايروپىلانىدا قورال بارلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال ئابدۇلھادى دىراھ مىسىردىن كەلگەن ئىككى ئايروپىلاندا دورىلارنىڭ ئاستىغا قورال ۋە ئوق-دورا يوشۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ھەر ئىككى ئايروپىلاندا بەزى دورىلار بار، ئەمما يۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسى قورال – ياراقتىن تەركىپ تاپىدۇ» دېدى.

لىۋىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن فېيسبۇك سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مىسىر ئەۋەتكەن دورا ۋە داۋالاش ئۈسكىنىلىرى قاچىلانغان ئىككى ئايروپىلاننىڭ سەبھا خەلقئارا ئايرودورۇمىغا قونغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئىسيانچى گېنېرال خەلىپە ھافتەرگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان ئەلھادىس تېلېۋىزىيە قانىلى، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسىنىڭ سەبھاغا داۋالاش بۇيۇملىرى يەتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر