چەت ئەل رەھبەرلىرى رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسو ن ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

1620106
چەت ئەل رەھبەرلىرى رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن تېلېگراممىسىدا، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

ئۇ: «مۇسۇلمانلار ھازىرمۇ زوراۋانلىقنىڭ، جاھىللىقنىڭ ۋە ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىنىڭ نىشانى بولماقتا. بۇلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ مۇسۇلمان ئامېرىكالىقلارنىڭ دۆلەت قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ دۆلەتنى بېيىتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «مۇسۇلمانلار ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19 ) غا قارشى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. مۇسۇلمان سەھىيە خادىملىرى ئالدىنقى سەپلەردىن ئورۇن ئېلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشىمىزگە ئىشتىراك قىلدى» دېدى.

بۇ يىل (2021) ئاقسارايدا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئىنتېرنېتتا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جو بايدىن، رەپىقىسى جىيېل (Jill) بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى ئاقساراي ھېيت تەبرىكلەش پائالىيىتىنى كېلەر يىلى (2022) يۈز تۇرانە ئۆتكۈزۈشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل تېلېگراممىسىدا، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ «خاتىرجەم رامىزان» ئۆتكۈزۈشنى تىلىدى.

ئانگېلا مېركېل رامىزاننىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئېيى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ۋابا سەۋەبىدىن باشتىن كەچۈرۈۋاتقان قىيىن كۈنلەردە سەۋرچان بولۇش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون تۋىتېتردا رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى. ئۇ، بۇ يىل ۋابا سەۋەبىدىن رامىزان ئېيىنىڭ باشقا يىللارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «روزا، دۇئا ۋە سەدىقە ئېيىنىڭ بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئەڭ كۆپ خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر