كىم جوڭئۇن دۆلىتىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن خەلقئارالىق ئېمبارگولار ۋە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان كارانتىن ۋە ئىقتىسادىي قىيىن ئۆتكەللەر سەۋەبىدىن دۆلىتىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1616542
كىم جوڭئۇن دۆلىتىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى KCNA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىم جوڭئۇن، دۆلىتىنى باشقۇرۇۋاتقان ئىشچى پارتىيەسىنىڭ  «يەر ئاستى تەەشكىلاتلىرى» » يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، دۆلەتنىڭ «نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى» ۋە «تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان قىيىن ئۆتكەللەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى بولغان 5 دىن 30 گىچە بولغان ئىشچىلار گۇرۇپپىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل يەر ئاستى تەشكىلاتلىرىدىن، «بۇنداق مۈشكۈل شارائىتتا» خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشىنى تەلەپ قىلغان.

شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا دۆلەتتە ھېچ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنللىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

«كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش «مىللىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى» دەپ قارىلىۋاتقان شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يوللىغان دوكلاتىدا، دۆلەت مىقياسىدا ھېچ كىشىنىڭ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئېدۋىن سالۋادور، 732 سى 26 – مارتتىن 1 – ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان دۆلەت مىقياسىدا 23 مىڭ 121 كىشىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھېچكىمنىڭ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى ئۇقتۇردغانىدى.

دۆلەتتە «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دېگەن گۇمان بىلەن كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ سانى توغرۇلۇق بولسا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا مەلۇمات بېرىلمىگەنىدى.

شىمالىي كورېيە، تۈنۈگۈن تەنھەرىكەتچىلىرىنى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر