بىرمادىكى نامايىشلاردا قازا قىلغانلار سانى 581 گە يەتتى

بىرما ئارمىيەسىنىڭ سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشىغا قارشى باشلانغان نامايىشلارغا قىلغان مۇداخىلىلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 581 گە يەتتى.

1616233
بىرمادىكى نامايىشلاردا قازا قىلغانلار سانى 581 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىياسىي مەھبۇسلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە 11 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ھەربىي –  سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى باشلانغان نامايىشلاردا قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 581 گە يەتكەنلىكى، بۇنىڭدىن باشقا 2750 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىغا دائىرى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

دوكلاتتا، سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان يەنە 463 ئادەمنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىرما ئارمىيەسىنىڭ نامايىشچىلارنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كاچىن ئۆلكىسىدىكى چېركاۋلارغا بېسىپ كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ئىرراۋادى» خەۋەرلەر تورى، ۋىلايەتنىڭ موخنېين رايونىدىكى ئەسكەرلەر نامايىشچىلارنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەزى چېركاۋلارغا بېسىپ كىرىپ كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزلىرى ھۇجۇم قىلغان چېركاۋلارنىڭ كىرىش ئىشىكىنى بۇزۇۋەتكەنلىكى ۋە بىر قىسىم نەرسىلەرگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر