بۇلغارىيەدىكى پارتىيەلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشەلمىدى
بۇلغارىيەدە تۈنۈگۈن (2021-يىلى 4-ئاپرېل) ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، ھېچقايسى پارتىيە پارلامېنتتا ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرالايدىغان سانغا ئىگە بولالمىغان.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋاز ساندۇقىدىكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، باش مىنىستىر بويكو بورىسوۋ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان بۇلغارىيەنىڭ ياۋروپالىق تەرەققىياتى ئۈچۈن يۇرتداشلار پارتىيەسى(GERB) سايلامدا بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللىگەن.
بۇلغارىيەنىڭ ياۋروپالىق تەرەققىياتى ئۈچۈن يۇرتداشلار پارتىيەسى %24.2 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكى ۋە 240 كىشىلىك پارلامېنتتا 69 ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقى قەيت قىلىندى.
بۇ قېتىمقى سايلامدا قاتنىشىش نىسبىتى %47.5 گە يەتكەن بولۇپ، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسەن، يېڭى مەزگىلدە پارلامېنتقا يەتتە پارتىيەنىڭ كىرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. تىزىمغا ئېلىنغان 6 مىليون 355 مىڭ 633 سايلىغۇچى بار بۇلغارىيەدە، مەزكۇر سايلامدا 30 سىياسىي پارتىيە ۋە بىرلەشمىلەردىن بولۇپ 6 مىڭ 895 نامزات ئۆزئارا رىقابەتلەشتى.
سايلامنىڭ رەسمىي نەتىجىلىرى ئىككى كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.