بايدىن دىنىي رەھبەرلەردىن ياردەم تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن دىنىي رەھبەرلەرنى ئىنسانلار ۋە جەمئىيەتلەرنى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈشكە تەشۋىق قىلىشقا چاقىردى.

1613473
بايدىن دىنىي رەھبەرلەردىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن، تۈنۈگۈن مىڭدىن ئارتۇق دىنىي رەھبەر ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تور يىغىنىدا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە يەرلىك رەھبەرلەرنىڭ رولىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنى ۋاكسىنا ئىبارىسىنى يېيىش ۋە ھەممە كىشىنى نۆۋىتى كەلگەندە ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈشكە تەشۋىق قىلىشقا چاقىرىمەن.»

ئۇ يەنە، ئىنسانلارنىڭ قايتىدىن بىر  يەرگە جەم بولۇشى ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنى يېڭىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر