ئافغانىستاندا تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ ھېلماند ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا 3 دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1613026
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېلماند ۋىلايىتىنىڭ نەھرى سىراج ناھىيەسىدە، « Black Hawk » تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان، قونۇۋاتقاندا تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن، قازادا 3 دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى جېنىدىن ئايرىلغان.
تالىبان بولسا، تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.