ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىرماغا جازا ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ياپونىيە، كۈندىن- كۈنگە ئېشىۋاتقان زوراۋانلىقلار سەۋەبىدىن بىرماغا جازا ئېلان قىلدى.

1611715
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىرماغا جازا ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرمادا ئېشىۋاتقان زوراۋانلىقلار سەۋەبىدىن مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلاردىن باشقا دىپلوماتلارنىڭ ئامېرىكادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ياپونىيە نامايىشچىلارغا يۈرگۈزۈلگەن زوراۋانلىقلار سەۋەبىدىن بىرماغا قىلىنىۋاتقان تەرەققىيات ياردەملىرىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىرما خەلقى بولسا، دېموكراتىيەگە قايتىشنى تەلەپ قىلىپ 6-فېۋرالدا نامايىش قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشكە ۋە سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلاردا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 521 گە چىقتى.

بىرما سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 سائەتتە 11 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ توغرىلانغانلىقى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 521 ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، بىرمادا 2 مىڭ 608 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە 120 كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش قارارى چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىردىكى سايلاملاردا ساختىپەزلىك بارلىقىنى ۋە سىياسىي جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1- فېۋرالدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچى قاتارلىق نۇرغۇن رەھبەرلەرنى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تۇتۇپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر