پۇتىن، مېركېل ۋە ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن كۆرۈشۈپ، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق يېڭى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

1611969
پۇتىن، مېركېل ۋە ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى پىرېزىدېنت پۇتىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ سىنلىق كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

 كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، كۆرۈشۈشتە، پۇتىن، مېركېل ۋە ماكرون ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

رەھبەرلەر رۇسىيەنىڭ « V سپۇتنىك» ۋاكسىناسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تەستىقلىنىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بۇ ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش ھەمدە ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

كۆرۈشۈشتە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ يېڭى ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى بولغان مىنسك كېلىشىمىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

لىۋىيە مەسىلسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان كۆرۈشۈشتە، تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا بويسۇنغانلىقىدىن ۋە دۆلەتتە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان رەھبەرلەر، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى قوغداشنى، ئىجرا قىلىنىشىنى ۋە بۇ توغرىدا بېسىلىدىغان قەدەملەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ماسلاشتۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بېلارۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا، بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا سىرتتىن ئارىلىشىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كۆرۈشۈشتە، رۇسىيە ئۆكتىچى رەھبىرى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر