بىرمادا ئارمىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن نامايىشچىلارنىڭ سانى 510 غا يەتتى

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشكە ۋە سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا قارشى نامايىشلارغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 510 غا يەتتى.

1610993
بىرمادا ئارمىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن نامايىشچىلارنىڭ سانى 510 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما سىياسى تۇتقۇنلارغا ياردەم قىلىش تەشكىلاتى (AAPP) نىڭ ئېلان قىلغان كۈندىلىك دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە 51 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە ئومۇمىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ كەم دېگەندە 510 ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا، بىرمادا 2 مىڭ 574 كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە 120 كىشى ھەققىدە قولغا ئېلىش قارارى چىقىرىلغانلىقى  ئەسكەرتىلدى.

27-مارتتىن بۇيان قازا قىلغانلار ئارىسىدا 14 كىچىك بالا ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلغان 1 ساقچىنىڭمۇ بارلىقى تەكىتلەندى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىردىكى سايلاملاردا ساختىپەزلىك بارلىقى ھەققىدىكى سۆز- چۆچەكلەرنىڭ تارقالغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتتە سىياسىي جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ  1- فېۋرالدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچى قاتارلىق نۇرغۇن رەھبەرلەرنى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تۇتۇپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بىرما خەلقى دېموكراتىيەگە قايتىشنى تەلەپ قىلىپ 6-فېۋرالدا نامايىش قىلىشنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر