جونسون بايدىن بىلەن تېلېفونلاشتى
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى 10-نومۇرلۇق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، جونسون بىلەن بايدىننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە،، كېلىمات ئۆزگىرىشى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش، ئىران ۋە خىتاي مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
ئىككى رەھبەر، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشقان. جونسون، دۇنيا مىقياسىدا ۋاكسىنىغا ئېرىشىشنىڭ، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاچقۇچى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
جونسون بىلەن بايدىن، 22 – 23 – ئاپرېل كۈنلىرى ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق چاقىرىلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنى ۋە شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 26 – نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى كونفېرانسىغا مۇناسىۋەتلىك پىلانلىرىنى ئورتاقلاشقان.
خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان ئىككى رەھبەر، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە قايتىشى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.