ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل كېلەر ئاي تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1608732
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چارلېز مىشېل، ئىنتېرنېت مۇھىتىدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە توغرىسىدا توختىلىپ: «تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەقىقەتەن مۇمكىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭمۇ ئىجابىي ۋە مۆتىدىل پوزىتسىيە نامايان قىلىشى بىز ئۈچۈن موھىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، كېلەر ئاي تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، ئەنقەرە بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر