ئافغانىستانلىقلار ئىستانبۇل كونفېرانسغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد مۇھاققىق، خەلقنىڭ كېلەر ئاي ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئىستانبۇل كونفېرانسىنىڭ تىنچلىق بىلەن نەتىجىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1609179
ئافغانىستانلىقلار ئىستانبۇل كونفېرانسغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى، شۇنداقلا ۋاھدەتى ئىسلامىي ماردۇمى ئافغانىستان پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد مۇھاققىق ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستان تىنچلىق كونفېرانسىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم ئافغانىستان خەلقىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە ئىلگىرىمۇ ئافغانىستاندا مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى پاكىستان-ئافغانىستان ۋە تۈركىيە ئۈچ تەرەپ يىغىنىدۇر» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ناتو تارمىقىدا ئافغانىستاندا مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە قايتىدىن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا قىلغان پائالىيەتلىرىنىڭ سەمىمىي ۋە چىن كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئافغانىستان خەلقى كېلەر ئاي ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان ئىستانبۇل كونفېرانسىنىڭ تىنچلىق بىلەن نەتىجىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىستانبۇل كونفېرانسىدا نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشمۇ ئاسان ئەمەس. ئافغانىستان خەلقى تۈركىيەنىڭ تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قارشى ئالىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئافغانىستان ئۈچۈن تىنچلىق كونفېرانسىغا ساھىبخانلىق قىلىشىدىن مەمنۇنمىز. تۈركىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەتىجىگە ئېرىشىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.»

سابىق پىرېزىدېنت ھامىد كارزايىمۇ ئافغانىستاندا تىنچلىقنىڭ پەقەت ئافغانىستانلىقلار ئارا كېلىشىم تۈزۈلگەندىلا ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ھامىد كارزايى تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە ئوخشاش، ئافغانىستاننىڭ كونا دوستى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، موسكۋادىكى يىغىندا ئافغانىستاننىڭ مېھمىنى ۋە كۆزەتكۈچىسى بولغانلىقىنى؛ ئىستانبۇل كونفېرانسىنىڭ بولسا، بىۋاستە ئافغانىستانلىقلار ئارا مۇزاكىرەلەر ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر