بىرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەت 628 نامايىشچىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

بىرمادا ئارمىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 628 كىشى قويۇپ بېرىلدى.

1607498
بىرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەت 628 نامايىشچىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 628 نامايىشچىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر بىرما دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

يانگوندىكى ئىنسېين تۈرمىسى سىرتىدا نەق مەيداننى كۆرگەن شاھىتلار، كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان يۈزلىگەن ياشلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئادۋوكات قويۇپ بېرىلگەن نامايىشچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 3-مارتتا قولغا ئېلىنغانلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىردىكى سايلامدا ساختىپەزلىك بارلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى ۋە دۆلەتتە سىياسىي جىددىيلىكنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى باھانە قىلىپ،  1-فېۋرالدا  ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى يەنە، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇ چى قاتارلىق نۇرغۇن مەسئۇللارنى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرىنى تۇتۇپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

تۈركىيە ھەربىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرىمۇ ھەربىي ئۆزگىرىشكە ھەر خىل نازازىلىقلارنى بىلدۈرۈگەن ۋە  تەنقىدلىگەن ئىدى.

بىرما خەلقى 6-فېۋرال دېموكراتىيەگە قايتىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش باشلىغان بولۇپ، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن 275 تىن ئارتۇق نامايىشچى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە  2500 گە يېقىن نامايىشچى قولغا ئېلىنغان ئىدى.

بىرمادا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا ۋە قاماقتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىمۇ ھەربىي سوتتا سوتلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر