تۈركىيە 2019-يىلدىن بۇيان67 دۆلەتكە تەۋە جەمئىي 2764 چەت ئەللىك تېررورچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك / پ ي د ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن چەت ئەللىك تېرورچىلارنى  چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1605360
تۈركىيە 2019-يىلدىن بۇيان67 دۆلەتكە تەۋە جەمئىي 2764 چەت ئەللىك تېررورچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە چېگرا  ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بارغان بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، 2019-يىلىدا 1595 تېررورچى، 2020-يىلىدا 1019 تېررورچى، 2021-يىلىدىكى ئىككى يېرىم ئايلىق مەزگىلدە 150 تېررورچى بولۇپ، جەمئىي 67 دۆلەتكە تەۋە 2764 چەت ئەللىك تېررورچىنى تۇتۇپ دۆلەتلىرىگە قايتۇرىۋەتتى.

چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان تېررورچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى نىسبىتى بويىچە ئەڭ كۆپ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، 2019-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 11 دۆلەتتىن 117 چەت ئەللىك، 2020-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 8 دۆلەتتىن 95، 2021-يىلدىكى ئىككى يېرىم ئايلىق مەزگىلدە  ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە 3 دۆلەتتىن 12 چەت ئەللىك چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى. شۇنداق قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 224 كە يەتتى.

يېقىنقى ئۈچ يىلدا دۆلىتىگە قايتۇرۇلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقراسى تېررورچىلاردىن 66 سى  فىرانسىيە، 57 سى گېرمانىيە، 22 نەپىرى گوللاندىيە، 14 ى شىۋېتسىيە ۋە 7 نەپىرى شىۋېيتسارىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر