ئامېرىكا-خىتاي ھەيئەتلىرى بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ۋە ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان (Jake Sullivan)، خىتاي ھەيئىتى بىلەن ئالياسكادا كۆرۈشتى.

1604301
ئامېرىكا-خىتاي ھەيئەتلىرى بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئۇچرىشىشتا قىلغان سۆزىدە، خىتاي بىلەن بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلىرىنى كۈنتەرتىپكە قويدى.

ئۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۆزىگە خاس سىياسىي تۈزۈملىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، شۇنداق بولسىمۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يەر شارى ئىقتىسادى مەسىلىلىرىدە ئورتاق مەنپەئەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى ئامېرىكانى خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك يولغا قويغان ئېمبارگولار سەۋەبىدىن تەنقىد قىلدى.

بلىنكېن ئىنتېرنېت تور بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىمۇ يىغىندا كۈنتەرتىپكە قويىدىغانلىقىنى ئېيتىشى بىلەن، ياڭ جيېچى ئامېرىكانىڭ ئىنتېرنېت تور خىلاپلىق قىلمىشلىرى مەسىلىلىرىدە دۇنيادا ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ مەسىلىدە باشقىلارنى ئەيىبلىيەلمەيسىلەر» دېدى.

ياڭ جيېچى ئامېرىكانىڭ خىتاينى ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئامېرىكانى ئىما قىلغان ھالدا خىتاينىڭ ئىشغاللارنى، تۈزۈملەرنى ئاغدۇرۇشنى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنى قەتلى قىلىشنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ياڭ جيېچى: «ئامېرىكانىڭ ئالدى بىلەن ئوبرازىنى ياخشىلىشى ۋە دېموكراتىيەسىنى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىشتىن ۋاز كېچىشى مۇھىم. ئامېرىكادا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئامېرىكادىكى دېموكراتىيەگە بولغان ئىشەنچى ئاجىز» دېدى.

ياڭ جيېچى ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى مەنىۋى قىممەتلەرنى تىلغا ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ: «مەيلى ئامېرىكا بولسۇن، ياكى غەرب دۇنياسى بولسۇن، خەلقئارالىق جەمئىيەتكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ» دېدى.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ ياڭ جيېچىنىڭ 18 مىنۇتلۇق سۆزى ئاخىرلاشماستىن مۇخبىرلارنى سىرتقا چىقارماقچى بولۇشى، تالاش-تارتىش قوزغىدى.

ياڭ جيېچى مۇخبىرلارنىڭ سىرتقا چىقىرىۋېتىلىشىنى تەنقىد قىلدى ۋە بۇنىڭ ئۆزىگە قارشى ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ھەيئەتلەرنىڭ ئىككى مىنۇتتىن سۆز قىلىشى توغرىسىدا كېلىشكەنلىكلىرىنى، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا بويسۇنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر