بورېل: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ياردەمچى بولۇش مەجبۇرىيىتى بار

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بورېل، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان تۈركىيەگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1604256
بورېل: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ياردەمچى بولۇش مەجبۇرىيىتى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بورېل، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لىۋىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنى نازارەت قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان «ئىرىنى» ھەرىكىتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

ئۇ بۇ يەردە بىر سوئالغا جاۋابەن، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەنلەر كېلىشىمى سايىسىدا كۆچۈشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «بۇ كېلىشىم ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە ۋە داۋاملىق ئىجرا قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

ئالىي ۋەكىل جوسېپ بورېل، تۈركىيەنىڭ تۆت مىليونغا يېقىن كۆچمەننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە ياردەم قىلىشقا ۋە بۇ كىشىلەر پەيدا قىلغان يۈكنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىشكە مەجبۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بوررېل، ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇئىگى دى مايو بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا بولسا، ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى چاقىرىلىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا تۈركىيە - گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ياخشى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر