ئەرمېنىيەدە «ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى» كىرىزىسى چوڭقۇرلاشماقتا
ئەرمېنىيە سوت مەھكىمىسى، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئونىك گاسپارياننىڭ ھەل قىلغۇچ قارار ئېلان قىلىنىپ بولغۇچە ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ تۇرۇشىغا ھۆكۈم قىلدى.
1603823
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى ئارمېن ساركىسيان بىلەن باش مىنىستىر نىكول پاشىنيان ئوتتۇرىسىدىكى «ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى كىرىزىسى» ئارمىيەنىڭ پاشىنياننى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان باياناتى بىلەن باشلانغان؛ پاشىنيان چاقىرىققا «سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش» دەپ باھا بېرىپ، باش ئىشتاب باشلىقى گاسپارياننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.