ياۋروپا ساياھەتتە ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسى تەلەپ قىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىتتىپاق چېگرالىرى ئىچىدىكى ساياھەتلەردە ئىشلىتىش پىلان قىلىنغان «ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسى» ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

1603234
ياۋروپا ساياھەتتە ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسى تەلەپ قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسى، كىشىلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  ۋاكسىناسى ئەملەتكەن ياكى ئەملەتمىگەنلىكىنى، ئەملەتكەن بولسا قايسى ۋاكسىنا ئەملەتكەنلىكىنى، يۇقۇملانغانلارنىڭ ياخشىلانغانلىقى ۋە ئىممۇنىتىت سەۋىيەسى، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

گۇۋاھنامە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تەستىقلانغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەتكەن كىشىلەرگە قارىتا ساياھەت چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. بىراق، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى باشقا ۋاكسىنالارنى قوبۇل قىلىپ-قىلمايدىغانلىقىنى ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ.

ياۋروپا كومىتېتى «دىجىتال يېشىل كېنىشكە» دەپ ئاتىغان، «ۋاكسىنا پاسپورتى» ياكى «كوۋىد كارتىسى» دەپمۇ ئاتالغان گۇۋاھنامە، قەغەز ۋە دىجىتال مۇھىتتا تەييارلىنىدۇ.

ئايرىمىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن كىشىلەرمۇ گۇۋاھنامە ئالالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ياشايدىغانلار ئۈچۈن ھەقسىز بېرىلىدىغان گۇۋاھنامىدە «QR» كودى بولىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى گۇۋاھنامىنى بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە توغرىلايدىغان يۇمتال ياسايدۇ. گۇۋاھنامە شۇ دۆلەتنىڭ تىلىدا ۋە ئىنگلىزچە تەييارلىنىدۇ.

ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسى بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىسلاندىيە، لىچېشتىيىن، نورۋېگىيە ۋە شىۋېيتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

گۇۋاھنامە، ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىغا ۋە ئۇلار قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئائىلىلىرىگە، ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقراسى بولمىغان كىشىلەر بىلەن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ساياھەت قىلىش ھوقۇقى بار كىشىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ.

گۇۋاھنامىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۈچىنچى دۆلەتتىن ساياھەتكە بارىدىغان كىشىلەرمۇ ئالالايدۇ.

گۇۋاھنامىنى يازغىچە تەييارلاش پىلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا كومىتېتى تەستىقلىشى لازىم.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر