ئۇكرائىنا قىرىم ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ يەتتە يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنا زېمىنىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ قانۇننىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1602912
ئۇكرائىنا قىرىم ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ يەتتە يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قىرىمنىڭ قوشۇۋېلىنىشى ماقۇللانغان ئاتالمىش ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ 7- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىپ يېرىم ئارالدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرغانلىقى، ھەمدە ياۋروپا ۋە ئاقدېڭىز رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن تەھدىد پەيدا قىلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قىرىمنىڭ ئازاد قىلىنىشى ۋە ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ قانۇن ئالدىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئۇكرائىنا بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئەرزنامىلىرىنىڭ خەلقئارا سوتلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، يېقىندا «قىرىمنى ئازاد قىلىش ۋە قايتىدىن ماسلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسى» نىڭ ماقۇللانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ،، ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭ خەلقئارادىكى شېرىكلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قىرىمدا ئاساسىي قانۇنلۇق تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر