ھامىلدارلىق مەزگىلدە كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئەملەشنىڭ  پايدىلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

ھامىلدارلىق مەزگىلدە ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ بوۋاقلىرىدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئانتىتېلا پەيدا بولغانلىقى بايقالدى.

1603011
ھامىلدارلىق مەزگىلدە كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئەملەشنىڭ  پايدىلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا، كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنىڭ تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بوۋاقلارغا كۆرسەتكەن قوغدىغۇچى تەسىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.

تەتقىقاتتا، ھامىلدارلىق مەزگىلدە  2 قېتىم تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن  ئانىلاردىن تۇغۇلغان 40 بوۋاقنىڭ كىندىكىدىن قان ئەۋرىشكىسى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئېلىپ بېرىلغان سىناقلاردا، بۇ  بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىدە تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئانتىتېلا بايقالدى.

نەتىجىلەر ھامىلىدارلارغا ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى دەسلەپتە ھامىلدار ئاياللارنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملىنىشىگە رۇخسەت قىلمىغان  ئەمما كېيىن ۋاكسىنا ئەملەش پىلانىغا كىرگۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر