كابۇلدا كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى نامەلۇم سۇيىقەستلەر ئەۋج ئالماقتا

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1601272
كابۇلدا كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى نامەلۇم سۇيىقەستلەر ئەۋج ئالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى فېردەۋس فارامارز مۇخبىرلارغا بەرگەن بەرگەن باياناتىدا، كابۇلنىڭ پۇلى-سۇختا ۋە سار كارىز رايونىدا ئىككى ئايرىم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فارامارز ھۇجۇمدا 3 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

ئافغانىستان مىقياسىدا يېقىندىن بۇيا ئەۋج ئالغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۇرۇنۇشنىڭ ئاساسلىق نىشانى ژۇرنالىستلار، پائالىيەتچىلەر، دىنىي ئالىملار، دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى بولۇپ كەلمەكتە.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇ ھۇجۇملارغا تالىبانلارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

 تالىبانلار  بولسا بۇ ھۇجۇملار بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر