ھاماس كوسوۋۇغا نارازىلىق بىلدۈردى

ھاماس كوسوۋۇنىڭ قۇددۇستا ئەلچىخانا ئاچقانلىقىغا، «خەلقئارالىق قارارلارغا خىلاپلىق قىلىش» دەپ باھا بەردى.

1601412
ھاماس كوسوۋۇغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس كوسوۋۇنىڭ قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېچىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ھاماس باياناتچىسى ھازىم قاسىم: «كوسوۋۇننىڭ قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېچىشى خەلقئارالىق قانۇنلارغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىملىرىگە خىلاپلىق قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىشغال ھۆكۈمىتى بىلەن باسقان نورماللىشىش قەدەملىرى، كوسوۋۇغا ئوخشاش بىر دۆلەتنىڭ مۇشۇنداق قارار چىقىرىشىغا ئىلھام بولدى. بىز قۇددۇسنىڭ ۋە پەلەستىن ۋە ئەرەب كىملىكىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

كوسوۋۇ دېموكراتىك تۈرك پارتىيەسى كوسوۋۇنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ب د ت قارارلىرى بىلەن خەلقئارالىق سالاھىيىتى قوغداش ئاستىدا بولغان قۇددۇستا كوسوۋۇ ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ، كىشىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىلدرۈدى.

كوسوۋۇ دېموكراتىك تۈرك پارتىيەسىنىڭ يازما باياناتىدا: «بۇ خاتا قەدەم، كوسوۋۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت نەزىرىدىكى يۈز-ئابرۇيىغا، دىپلوماتىك مۇساپىلىرىغا ۋە دۆلەتلىشىش سىياسەتلىرىگە بىۋاستە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ» دېيىلدى.

قارارنىڭ قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقلىرى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، كوسوۋۇ خەلقىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈلۈشكە دەۋەت قىلىندى.

كوسوۋۇ تاشقى ئىشلار ۋە دىياسپورا مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 14-مارت) كوسوۋۇنىڭ قۇددۇس ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىپ، پائالىيەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر