ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھېرات ۋىلايىتىدە ساقچىخانىغا قىلىنغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1600511
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېرات ۋالىيسى سەيىىد ۋاھىد قاتالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋانلار بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئارقىلىق ھېراتنىڭ گەنچ رايونىغا جايلاشقان ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 سى ئېغىر 53 كىشى يارىلانغان، پارتلاشنىڭ تەسىرىدە رايوندىكى كۆپلىگەن ئۆي – ماكانلار زىيانغا ئۇچرىغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان، لېكىن، ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تارىق ئاريەن، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ تالىبان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتتە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان سۆھبەت ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر