ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى خوڭكوڭدا سايلام تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1599995
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل (Josep Borrell) خوڭكوڭدا سايلام تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، خوڭكوڭغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە «ئېلاۋە قەدەملەر» بېسىشقا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى قارارنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ مەزكۇر قارارنىڭ ھېساب بېرىشچانلىق ۋە سىياسىي كۆپ سانلىققا زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ يوللۇق بولغان ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئاساسىي ئەركىنلىك ھوقۇقلىرى، دېموكراتىك پىرىنسىپ ۋە سىياسىي كۆپ سانلىقنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى، يېڭى قارارنىڭ «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى خوڭكوڭدىكى سايلام تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق رايوندا سىياسەتتىن سوتقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە ۋەتەنپەرۋەر خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەزكۇر قارار، 2020-يىلى ئىيۇل ئېيىدا خوڭكوڭدا ئىجرا قىلىنغان دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ، سايلامدا تېخىمۇ كۈچلىنىپ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللىشىگە قارشى بېسىلغان قەدەم دەپ قارالماقتا. خوڭكوڭدا



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر